ئۇيغۇر ئېلىدە بىڭتۇەن قارمىقىدا يەنە بىر يېڭى شەھەر قۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،‏ بىڭتۇەن قارمىقىدا «قۇرۇمقاش» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر شەھەر قۇرۇش رەسمىي باشلانغان.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە تەسىس قىلىنغان بۇ شەھەر بىڭتۇەن قارمىقىدا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ بىڭتۇەن 14-دېۋىزىيەسىنىڭ كونكرېت باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. مەزكۇر شەھەرنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 26-فېۋرال كۈنى بىڭتۇەن 14-دېۋىزىيە 224-پولك يۈشەن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

قۇرۇمقاش شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، 14-دېۋىزىيە 224-، 47-پولك، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر چارۋىچىلىق مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كۆلىمى 687.13 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ شەھەر قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ۋە چىرا ناھىيەلىرىگە تۇتۇشىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ئاپرېلدا ئەسلى قورغاس ناھىيىسىگە قاراشلىق كۆكدالانى بىڭتۇەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنى بىڭتۇەننىڭ 8-شەھىرى قىلىپ بېكىتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇندىن ئىلگىرى قۇرۇلغان شىخەنزە، ۋۇجياچۈ (ئوتۇنكوزا)، ئالار، تۇمشۇق، بېيتۈن(كۈيتۈڭ)، تېمىنگۇەن (باشئەگىم)، شۇاڭخې (ئارال) قاتارلىق شەھەرلەرنى قوشقاندا نۆۋەتتە بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەر سانى 9 غا يەتكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج» دەپ كۆرسەتكەن.

بىراق، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىڭتۇەن قارمىقىدا شەھەر قۇرۇش پىلانى رايونغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەپ، ئاپتونومىيە قانۇنىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا 2030-يىلىغىچە قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى 200 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت