خىتاي ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ «13-بەش يىللىق پىلان پروگراممىسى» نى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىڭتۇەن خەۋەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «13-بەش يىللىق پىلان پروگراممىسى» نى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر پروگراممىدا «13 بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئوتتۇرىدىن يوقىرى ئۆسۈش سەۋىيەسىدە، يەنى يىلىغا 9% لىك ئۆسۈش نىسبىتىنى ساقلاش، 2020-يىلىغا بارغاندا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 33 مىليارد سومغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

«پروگرامما» دا يەنە «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەققىدە مۇنداق 4 تۈرلۈك ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئومۇمىي مەقسەت قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئۇقۇمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئىقتىسادىي گۈللىنىش بىلەن پۇقرالار تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى نۇقتا قىلىشتىن ئىبارەت.»

مەلۇمكى، بىڭتۇەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش ۋە خىتاينىڭ غەربىي-شىمال چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېرىم ئەسكىرىي، يېرىم مەمۇرىي ئاپپاراتىدۇر.

كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار، بىڭتۇەننىڭ «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭىيىشكە قاراتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت