2016-يىلى بىڭتۇەن 400 مىڭ ئىشچى قوبۇل قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچىدىكى «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى بىڭتۇەنلەرگە 2016-يىلى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پاختا تېرىش خىزمىتى ئۈچۈنلا 140 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ سانائەت، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرى ئىختىيارلىق ئاساسىدا ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك توختامى ۋە باشقا قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئىمزالىنىدۇ. ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە تېخنىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر، شۇنداقلا ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشقانلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە بىڭتۇەننىڭ ئۆزىنىڭ ھەر يىللىق ئەمگەك كۈچ ئېھتىياجىنى تولۇقلاش ئۈچۈن خېنەن، گەنسۇ، سىچۈەن، شەنشى ئۆلكىلىرى ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇقىم ئەمگەك كۈچلىرىنى تەمىنلەش ھەمكارلىقى ئورناتقانلىقى ئېيتىلغان.

ئىشقا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ ئاساسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بولۇشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش» دولقۇنىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئاشكارىلاۋاتقانلىقى مەلۇم. چۈنكى رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بولۇپمۇ ياش قىزلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار رايونىغا سىرتتىن كۆپ ساندا ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىش مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت