خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەنە بىر ئەمەلدارىمۇ «بىڭتۇەن چېگرا رايوننى قوغداشتىكى قورال» دېدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېۋىزىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەمەلدارى خەن يوڭ، 1-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىڭتۇەن چېگرا رايوننى قوغداشتىكى قورال» دېگەن.

خەن يوڭدىن سەل ئىلگىرى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىدە «شىنجاڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش، بىڭتۇەنگە تايىنىش ئارىلىق رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك» دېگەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 4-نومۇرلۇق ئەربابى يۈ جىڭشېڭنىڭ ئاشكارا ھالدا باستۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «قاتتىق زەربە بېرىش، خىتاي قوراللىق ئارمىيىسى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش» نى تەشەببۇس قىلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار «مۇستەقىل كىنەزلىك» دەپ تەسۋىرلەيدىغان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىڭتۇەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان مۇنبەت يەرلەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ زور قىسمىنى ئىگىلىۋېلىش ھېسابىغا قۇرۇلغان خىتاي كۆچمەنلىرى رايونى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىكى مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۇەندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئاھالىسى 2015-يىلى 2 مىليون 714 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 11.9% نى ئىگىلەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت