خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-10-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا تورىنىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئاق تاشلىق كىتاب نەشر قىلغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم رولى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى تارىخىي شارائىتتا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.»

مەلۇمكى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 1954-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق كومپارتىيىگە ئەل بولغان قىسىملىرى بىلەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان.

2013-يىلىدىكى مەلۇماتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى كېڭىيىپ جەمئىي 14 دېۋىزىيە، 176 پولكقا تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 70 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىرغا، تېرىلغۇ يەرلىرى 1 مىليون 200 مىڭ گېكتارغا، نوپۇسى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا بېيجىڭدىن كېلىدىغان سېلىنمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت