خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىدا جىددىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارماقتىكەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېقىندا مىرەن، باشئەگىم، ئالتۇنتاغ قاتارلىق پولك دەرىجىلىك بازاردىن 7 نى قۇرغان. بۇنىڭ بىلەن بىڭتۇەننىڭ قارمىقىدىكى پولك مەيدانى دەرىجىلىك بازارلارنىڭ سانى 44 كە يەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىدا جىددىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، «ھەر بىر دېۋىزىيەگە بىردىن شەھەر بەرپا قىلىش، ھەر بىر پولك مەيدانىدا بىردىن بازار قۇرۇش» دېگەن ئىستراتېگىيە بويىچە بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېز سۈرئەتتە يەرلىكلىشىشىنى تېزلەتكەن.

2019-يىلىغىچە بىڭتۇەن قارمىقىدا دېۋىزىيە بىلەن شەھەر بىرلەشكەن يېڭى تىپتىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردىن 10 شەھەر بەرپا قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 شەھەر، 44 بازار، 170 تىن كۆپرەك پولك مەيدانىغا ئىگە يېرىم ھەربىي، يېرىم ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك غايەت زور گەۋدىگە ئايلانغان.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەنگە غايەت زور ئىقتىسادىي سېلىنما سېلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەنە بىر ئۆلكە دەرىجىلىك گەۋدىگە ئايلاندۇرغانلىقى ۋە زور كۆلەمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، بىڭتۇەننى ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلىدىغان بىر ھەربىي ۋە سىياسىي سىستېمىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. كېيىن يەنە يەتتىسى قۇرۇلغان. بىڭتۇەنلەرنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان يېزا-بازارلارنىڭ سانى 44 كە يەتكەن، يەنى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇيان شەھەر-بازار بىر گەۋدىلىشىش ئەندىزىسى بويىچە ئوندىن ئارتۇق بىڭتۇەن ھەمكارلىقىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قۇرۇلغان.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ‹تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا بىڭتۇەن ھەمكارلىقىدىكى شەھەرلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، پۈتۈن شەھەرلەر بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ، بىڭتۇەن يەرلىك يېزا-بازارلارنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ ۋە شەھەر-بازارلار بىڭتۇەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. ›

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت