ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن يەنە جەمئىيەتتىن 1277 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-07-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىڭتۈەن يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئادەم يۆتكەشكە زور كۈچ سەرپ قىلماقتا. خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، بىڭتۇەن بۇ يىل يەنە جەمئىيەتتىن 1277 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدىكەن.

نۆۋەتتە «بىڭتۈەن» ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونلارغا كېڭىيىشنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىچكىرى خىتايدىن كۆپلەپ ئادەم يۆتكەشنى تېزلەتمەكتىكەن.

نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەت ئىزدەۋاتقان مەزگىل بولغانلىقتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بۇنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئادەم يۆتكەش ئۈچۈن پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. تېخى يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارامايدىكى شۆبىسىنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خەت يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىشنى تاللىغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن ۋە نەتىجىدە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «شى جىنپىڭ خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش» تىن ئىبارەت چاقىرىق قوزغالغان.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ياخشى خىزمەت ۋە ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە يىلتىز تارتىشقا جەلپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يېزا-قىشلاقلاردا كىشىلەرنىڭ «ئىشىك ئالدىدىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» بويىچە ھەرخىل كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق ۋە قۇراشتۇرۇش دېگەندەك زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. بىراق، بۇ خىلدىكى «ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئاساسەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەرزان ئەمگە كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇشى، دەپ باھالانماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت