ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ قاتتىق قامال ئاستىغا ئالماقچى.

خوتەن ۋە قاراماي ھۆكۈمەت تورلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە، دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» توغرىسىدا مەخسۇس تېلېفون يىغىنى چاقىرغان ۋە ھەرقايسى جايلاردىن دىنىي رادىكاللىققا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى دەل خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يىغىندا، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا سادىر بولغان ۋەقەلەرگە دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ، دىنىي كەيپىياتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خىل ۋەزىيەتتىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە شۇنىڭدەك باشقا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلماي تۇرۇپ، مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت