ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ياردەم پۇلى 435 سومغا ئۆستۈرۈلىدىكەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان تىلى بولغان تەڭرىتاغ تورىدا بۈگۈن خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ ئىلگىرىكى 335 سومدىن 435 سومغا ئۆستۈرۈلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ مائاش ئۆستۈرۈش دىنىي زاتلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن ئېلىنغان.

ئۇيغۇر جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىدا، خىتاي ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دەپ تەرىپلەۋاتقان ۋە تەمىنات بېرىۋاتقان بۇ دىنىي زاتلارنىڭ خېلى بىر قىسىمنىڭ ئامما ئارىسىدا ئىززەت-ھۆرمىتى يوقلۇقى، ھەتتا بەزىلىرى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئالدىنقى يىلى خىتايپەرەست دىنىي زاتلاردىن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر مەسچىت ئالدىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت