ئۈچ نەپەر خىتاي ئەمەلدار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈچ نەپەر خىتاي ئەمەلدارنىڭ بىر قېتىمدىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنىدا جاۋ چۇڭجيۇ، جاڭ چۈنلىن ۋە جاۋ چىڭ قاتارلىق ئۈچ نەپەر خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.

بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئەمەلىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ سانى ئاشقان ھەمدە ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ساھەلىرىگە مەسئۇل قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە ۋاڭ مىڭشەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تاكى ناھىيە دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا قەدەر ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھوقۇق مەركىزىدىن چەتلەشتۈرۈلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا قەغەز يۈزىدە قەپ قالغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت