ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كورلا شەھرىدىكى بىر رېستۇراندا يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ھاراق ئىچىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلغان. كورلىدىكى مەزكۇر ھاراق ئىچىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىغا ئالاقىدار بىر رەسىم چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارتىلىپ، غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدىنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئۇلارغا قارىتا «ئىرقىي قرىغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغاپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇمۇ خىتاي «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرقىسمى»، دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېڭ فەمىلىلىك بىر خىتاي پۇقراسى، «ھاراق ئىچىش ئىسلام دىنىدا چەكلەنسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدا ھاراق ئىچمەسلىك ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ھاراق ئىچمەيدىغانلاردا ھاراق ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كورلا شەھرىدە بۇ بازا قۇرۇلدى» دېگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ بازىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىكەن».
مەلۇم بولۇشىچە «ھاراق ئىچىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى» نىڭ ئېلانىدا ياشانغانلارغا، ھەربىيلەر ۋە تازىلىق ئىشچىلىرىغا باھادا ئېتىۋار بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «ھاراق ئىچىش بويىچە تەربىيەلەش بازىلىرى» نىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاللابۇرۇن چەكلەنگەنلىكىنى، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىڭ «ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، ئېتىقادنى پۈتۈنلەي يوقۇتىشتەك سىياسى ۋەزىپىگە ماسلىشىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.