خىتاي 10 دۆلەتنىڭ 23 ئەسكىرىي گۇرۇپپىسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلىپ كورلىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كورلا شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «2017-يىللىق خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقە» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىملىق كورلىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

«ھەربىي مۇسابىقە» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرغا خىتاي، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئىران، مىسىر، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ۋېنسۇئېلا، ئانگولا ۋە زىمبابوۋى قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن 23 ھەربىي گۇرۇپپا قاتنىشىدىكەن.

خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ كورلىدا ئۆتكۈزۈلۈشى جۇغراپىيىلىك شارائىت بىلەن ئەسلىھە شارائىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا رۇسىيە ھەربىي تەرەپ بىلەن بولغان مەسلىھەتنىڭ نەتىجىسىدە قارار قىلىندى، دېگەن.

بۇ قېتىم كورلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا مىسىر ئارمىيىسىنىڭمۇ قاتنىشىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت