دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا قول تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يانفون ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇقى ھەسسىلەپ كۈچەيمەكتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر ئەگەردە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەپ ياكى يۇمشاق دېتاللىرىنى يانفونىغا چۈشۈرگەن بولسا، تور ساقچىلىرى شۇ ھامان مەزكۇر يانفوننى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدىكەن.

بۇ خىل ئەھۋالدا يانفون ئىشلەتكۈچى ساقچىدىن مۇنداق بىر جىددىي ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالىدىكەن: «ساقچى شۇنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىدۇكى، يانفون مۇلازىمىتىڭىز قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. ئەگەردە سوئالىڭىز بولسا تور ساقچىسى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىڭ.»

ئۈرۈمچىدىن «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفونى توختاپ قېلىپ ساقچى بىلەن ئالاقىلەشكەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى قايتا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتىكەن شۇنداقلا يانفونلىرىدىكى ئىلگىرى چۈشۈرگەن چەتئەل ئەپلىرى پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلانماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت