جەنۇبتىن ئۇيغۇر ئىشسىز ياشلارنى يۆتكەش كۈچەيتىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن، باھار كېلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دېھقانلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 20-مارت چاقىرغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەشنىڭ 2017-يىللىق پىلانى خىزمەت يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىل جەمئىي 3741 ئادەم‏-قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز تەۋەلىكىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار 2296 ئادەم‏-قېتىمغا، ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكىلىدىغان سان 904 ئادەم‏-قېتىمغا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان سان 271 گە يەتكۈزىلىدىكەن. خەلق تورىنىڭ 21-مارت بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا خوتەن ۋىلايىتىدىن جەمئىي 1000 نەپەر دېھقان ئىشلەمچى چىڭداۋ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ماڭدۇرۇلغان.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەۋاتقان ئارتۇق ئەمگەكچى 3700 دىن ئاشقان.

ھالبۇكى، خەلق تورىنىڭ 21-مارت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلەپ تارقىتىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىدىن 1 مىليارد 810 مىليون 280 مىڭ سوم غەملىگەن، بۇ مەبلەغنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى 98% كە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەليەتتە «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش» بولسا دائىرىلەرنىڭ بۇ رايونلاردا ئۇيغۇر ياشلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچلۇق تەدبىر» سۈپىتىدە يولغا قويۇلماقتا.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە شياۋگۇەن ۋەقەسىدەك، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدەك پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەر 10 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، ھەتتا خىتاي بۇ سىياسىتى سەۋەبلىك، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان مۇقىملىق تەدبىرى ۋە «مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تەك چوڭ سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت