ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى قاتتىق تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو باشلىق رەھبەرلىرى نۆۋەتتە جاي-جايلاردا پارتىيە ئىنتىزامىنى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى قاتتىق تەكىتلەپ، ئۇنى مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى دەپ كۆرسەتمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش» پائالىيىتى باشلاشنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قەشقەردىكى مەزگىلىدە يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەتنى «ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر» دەپ تەرىپلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «ئىدىيىۋى كۆز قارىشى باش نىشان بىلەن بىردەك بولمىغانلار ئىدىيىسىنى قەتئىي تۈزىتىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان.

بۇندىن ئىلگىرى چېن چۈەنگومۇ بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئىستىل مەسىلىسىنى تەكىتلەپ «ئايرىم جايلاردا بەزى كادىرلارنىڭ باش نىشانغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئىدىيىدە بىخۇد، ئىستىلى تۇراقسىز، كۈرەشتىن بىزار» دېگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەرنىڭ بەزى خىتاي كادىرلارنىمۇ بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى 20 دىن ئوشۇق ئەمەلدارنى قوش تىل مائارىپى خىزمىتىگە بولغان كۆز قارىشى پارتىيە بىلەن بىردەك ئەمەس، ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىدى» دېگەن سەۋەب بولغان ئەمىلىدىن بوشاتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت