ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 نەپەر كادىرغا چىرىكلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

8-فېۋرال كۈنى، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىغا چىرىكلىك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن پارتىيىدىن چىقىرىش، ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش جازالىرى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا قارىغاندا، بۇ ئۈچەيلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بورتالا شەھىرى سۇنىنتوخا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋە سۇ تەقسىم قىلغۇچى كادىرى خې لۇڭ، كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى توققۇز توما كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز بىسار، بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىخەنزە 148-تۇەن خوجىلىق پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن لىڭ قاتارلىقلار ئىكەن. خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ ئاممىغا قالايمىقان سېلىق سالغانلىقى، مەسىلەن، خې لۇڭنىڭ ۋەزىپە قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 4400 يۈەن سۇ ھەققىنى دېھقانلارغا تەڭ چىقىم قىلدۇرغانلىقى، ئىزىز بىسارنىڭ كوللېكتىپنىڭ پۇلىنى شەخسى ئىشىغا ئىشلەتكەنلىكى، يەن لىڭنىڭ يېزىدىكى نامراتلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئىشلىتىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا يۇقىرىدىكىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن كىچىككىنە بىر قىسمى، دېدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقىرىقىدەك چىرىكلىك ۋەقەلىرى ئەڭ ئېغىر جايلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرى رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلار دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشى قاتتىق تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ يەڭ ئىچىدە ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە دېھقانلارنىڭمۇ ئەھۋالنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت