خىتاي دائىرىلىرى 7 نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-02-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بىر ئۇيغۇر مائارىپ ئەمەلدارى بىلەن 6 نەپەر ئۇيغۇر ج خ كادىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق» قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كونكرېت قانداق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

بۇ 7 نەپەر كىشىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋە نازىرى ساتتار داۋۇت. ج خ سىستېمىسىدىكى قالغان 6نەپەر كادىر خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات ئاۋۇدىن، يەنە بىر مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى ئىمىن، خوتەن ۋىلايەتلىك ئالاھىدە رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇقادىر ئابدۇللا، خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچىنىڭ سىياسىي كومىسسارى يالقۇن ئابدۇرازاق، قاراقاش ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابابەكرى ئېلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا خادىمى مۇختەر تۇرسۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ، خوتەندە قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم 2016‏-يىلى 28‏-دېكابىر ھۇجۇمغا ئۇچراپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم سېكرېتارلىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ تەكشۈرۈش ۋەقەسىدۇر.

لېكىن، بۇ كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنىڭ پارىخورلۇق ياكى سىياسىيغا ئالاقىدار ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆتكەن يىلى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق بىر قانچە ئۇيغۇر كادىر ۋە زىيالىينى نەزەربەند ئاستىغا ئالغان. مائارىپ نازىرى ساتتار داۋۇتنىڭ مەسىلىسى شۇلارغا چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت