قەشقەر ۋىلايىتىدە 137 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغان، شەھەر تاقالغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي دوختۇر ۋە ساقچىلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-19-فېۋرال، ئالتاي.
خىتاي دوختۇر ۋە ساقچىلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-19-فېۋرال، ئالتاي.
AFP

24-ئۆكتەبىر، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە 137 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنى تاقىغانلىقى مەلۇم.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەزى خوڭكوڭ تاراتقۇلىرى شۇ يەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى خادىملىرىنىڭ شەھەرنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى دەلىللىگەنلىكىنى ئېيتقان.

خوڭكوڭ «مىڭ پاۋ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىڭ پاۋ مۇخبىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە تېلېفون قىلغان، قارشى تەرەپ بۇ خەۋەرنى دەلىللەپ، پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاقالغانلىقى ۋە ئايروپىلانلارنىڭ قوندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خادىم تاقاش بۇيرۇقىنىڭ 24-ئۆكتەبىر چۈشكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، 24-ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى تەۋەسىدە كېسەللىك ئالامىتى يوق بىر نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى بايقىغاندىن كېيىن، مەزكۇر يۇقۇمدار بىلەن ئالاقىدار كىشىلەر ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. نەتىجىدە قەشقەر تەۋەسىدە 25-ئۆكتەبىر سائەت 14 كېچە 137 يۇقۇمدار بايقالغان. دائىرىلەر نۆۋەتتە پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىلا جەمئىي 4 مىليون 746 مىڭ 500 ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت