خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەلچىسى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالدىنقى كۈنى ئەنگلىيەدىكى «ئالەم» («Sky») خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى.

«ئالەم» خەۋەرلىرىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بىۋاسىتە بارغانلىقى ۋە رايوندا نەچچە يۈز مىڭلىغان، ھەتتا مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ ھازىر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ئەلچى بولسا ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ، «بۇ راست ئەمەس، شىنجاڭ دېگەن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەردە كىشىلەر پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن.

رىياسەتچى ئۇنىڭدىن داۋاملىق «بۇ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا قانچە كىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟» دەپ قايتا سورىغان. ليۇ شاۋمىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن «ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ئەمەس، بىز ئۇلارنى›تەربىيەلەش مەركىزى‹، دەپ ئاتايمىز. بۇ تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر. شىنجاڭ دېگەن تېررورلۇقنىڭ قۇربانى» دەپ گەپ يورغىلاتقان. رىياسەتچى دەرھال ئېكراندا قويۇلۇۋاتقان كورلا پويىز ئىستانسىسىدا پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن، كۆزلىرى قارا لاتا بىلەن باغلانغان ھالدا يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «سىز بۇ ئورۇنلارنى›قايتا تەربىيە مەركىزى‹دەيسىز. بۇ كىشىلەر كۆزلىرى باغلانغان ۋە كىشەنلەنگەن ھالدا ئەپ مېڭىلغان. بۇ كىشىلەر بۇنداق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئۆزلىرى خالاپ بارامدۇ؟» دەپ سورىدى.

ليۇ شاۋمىڭ بولسا بۇ كۆرۈنۈشنىڭ قايتا تەربىيە مەركەزلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ يۆتكىلىشىگە ئائىت كۆرۈنۈشلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە «بۇ تەدبىرلەرنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىك ئاھالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ دېگەن ب د ت نىڭ تېررورلۇقتىن ساقلىنىش سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، كەسىپ ئۆگىنىپ جەمئىيەتكە چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار تىۋىتتېردا بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا خىتاينىڭ ئەمدى پاكىتلارنى يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەمەلدارلارنىڭ بۇنداق سۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئادالەت ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا يانتاياق بولۇش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم پاكىت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت