غۇلجا ناھىيەسى 600 نەپەر خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

غۇلجا ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 600 نەپەر «دۆلەت تىلى» دا يەنى، خىتاي تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان.

غۇلجا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش» مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

قوبۇل قىلىنىدىغان خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 470 نەپەر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 130 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 600 نەپەر ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت غۇلجا ناھىيەسى يەنە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە جەمئىيەتتىن 20 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئايرىم ئۇقتۇرۇش چىقارغان. يۇقىرىدىكى بۇ ئېلانلارنىڭ ھەممىسىدە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى سۆيىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قارشى تۇرىدىغان» بولۇشى شەرت قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئېغىزچە ۋە يازما ئىمتىھانلارنىڭ «دۆلەت تىلى» دا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ يىل يىل ئۆرۈلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلىرىدە ساقچى ياكى بىخەتەرلىك خادىمى ۋە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەپ، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت