«دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھىمايە قىلىش» - ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ ساھەسىنىڭ ئاساسىي خىزمەت تېمىسى بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

15-ئاپرېل كۈنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىمىن خوڭكوڭنىڭ كامچۇڭ رايونىدا ئېچىلغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسى كۈنى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «دۆلىتىمىز سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

بىر قىسىم گۇرۇھلار دۆلىتىمىزگە قارشى بولغان دۈشمەن كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا ئەۋەتىلگەن ئەڭ ئالىي مەمۇرىي خادىمىنىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەردىكى باش تېما بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلقى «دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيە كۈنى» دە پۈتكۈل رايون مىقياسىدا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئاشۇرۇش، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىنى ئومۇملاشتۇرۇش، «يۈزلىگەن، مىڭلىغان كەنتلەردىكى تۈمەن مىڭلىغان ئاھالە بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش» باش ۋەزىپە قىلىنغان. شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى «قۇلاققا، مېڭىگە ۋە قەلبىگە مەھكەم ئورنىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئەندىشىلەردە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قايسىي دەرىجىدە ئىكەنلىكىنىڭ ئىنكاسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت