ئۇيغۇر رايونىدىكى مائارىپ تارماقلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن داۋاملىق خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مائارىپ تارماقلىرى رايوندىكى مەكتەپلەرگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن داۋاملىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلماقتا. يېقىندا ئاقتۇ ناھىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 520 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئاقسۇ شەھىرى 1000 نەپەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ئېلان خىتاينىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى كارانتىنى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەملىك خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش دولقۇنى قوزغالغان مەزگىلدە چىقىرىلغان. دائىرىلەر بۇ دولقۇندا ھەر خىل پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، كۆچمەنلەرنى بىكارلىق تۇرالغۇ، بىكارلىق تېرىلغۇ يەر، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن. بەزى ئانالىزچىلار ماقالە يېزىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي نوپۇسى بىلەن تۇنجۇقتۇرۇش مەقسىتىدىكى «دېموگرافىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

لېكىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئېلانىدا تەكىتلىنىشىچە، بۇنىڭدا ئۇلار «دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىلنى ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سىياسىتىنىڭ تەلىپى، ئاپتونوم رايوننىڭ 1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەزكۇر ناھىيەنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» نى مەقسەت قىلغانىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئۇ 2017-يىلى7-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىردەك چەكلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت