بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئېلىش بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بىلەن بىر تۇتاش تەستىقلاش ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدىكەن.

بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېقىندا چىقارغان بىر ئۇقتۇرۇشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 500 مىڭدەك يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى مەجبۇرىي «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، ئانا تىلى، دىنى ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلىغىچە 497 مىڭ بالىنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ 2020‏-يىلغىچە خىتاي تىلىنى رايوندىكى يەرلىك مىللەت بالىلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇش بولۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نى ئاقلىغان. «ياتاقلىق مەكتەپلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 6‏-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا باشلىنىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ناھىيە، شەھەر ۋە ۋىلايەتلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى مائارىپ نازارىتى ياكى بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت