ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە قەسەم ئىچكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكاغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچكۈزۈلگەن.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەسەم ئىچىش پائالىيىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار «ۋەتەنگە سادىق بولىدىغانلىقى، مەڭگۈ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقى» ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچكەن.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئۆتكەن يىلى 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا ماقۇللانغان. «قانۇن لايىھەسى» دە ئۇيغۇر رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. «زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى «ھەممەيلەن قەسەم ئىچتى، ھېچكىم رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى،» دېگەن.

خەۋەردە يەنە بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تەنقىد قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پروگراممىسى» غا قاتناشقان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى: «پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى› گە قارشى ماقالە يېزىشى شۇنداقلا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ئوقۇغۇچىلارغا بۇ توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت