ئۇيغۇر ئېلىدا ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتىدىن 124 نىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش ھادىسىسى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاشلا ئەڭ كۆپ بەس-مۇنازىرە قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ھەددىدىن ئارتۇق قېزىش، سۇ ۋە مۇزلۇق مەنبەلىرىنى خورىتىش، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مىليۇنلاپ نوپۇس كۆچۈرۈش ھەمدە كەڭ كۆلەمدە سانائەت شەھەرلىرىنى بەرپا قىلىش نەتىجىسىدە ھاۋانىڭ سۈپىتىدە پەۋقۇلئاددە ناچارلىشىش كۆرۈلمەكتىكەن.

خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىي 124 ئورۇندا ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتى قۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇلغان ناھىيە، رايون ۋە شەھەرلەر 79 غا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ داۋاملىق كېڭىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنداق پونكىتلار قۇرۇلغان رايونلاردىكى ئاھالىلەر ھەر ۋاقىت تورغا چىقىپ ھاۋا سۈپىتىنى كۆرەلىشى مۇمكىنكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەر گەرچە ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىدىغان پونكىتلارنى كۆپلەپ قۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئامما ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىغان بىرەر چارە-تەدبىر ئالالمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت