خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردا مۇقىملىقنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېيجىڭدا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، ئاتۇش، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس مۇقىملىق خىزمىتى زىيارىتىدە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لو دوڭچۈەنىڭ 12-مايدىن 14-مايغىچە قەشقەر شەھىرى ۋە قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش ۋە ئاقتۇ ناھىيەلىرىدە مەخسۇس مۇقىملىقنى تەكشۈرۈش خىزمەت زىيارىتىدە بولغانلىقى ۋە بۇ رايونلاردا «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» نى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە لو دوڭچۈەننىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ جايلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپە، بۇ جايلار تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى. مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىدە ئىككىيۈزلىمىچىلەر ۋە ئىككىيۈزلىمىچى گۇرۇھلارنى تېپىپ چىقىپ، قاتتىق جازالاش كېرەك» دېگەندەك سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نامىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر ئوبيېكتى بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەكىتلەپ، بۇ جايلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلۋاغ بىر يول ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ كاپالىتى قاتارىدا تەرىپلىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ناھايىتى ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت