رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى 26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە،«بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «خەۋەرلەر»، «مۇستەقىل گېزىت» قاتارلىقلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «خەۋەرلەر» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار بېيجىڭنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، «بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا زور مەبلەغ سېلىش بىلەن بىللە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇردى.

ھازىر ئۇيغۇرلار پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا، ئۇلار خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش باراۋەر ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

«مۇستەقىل گېزىتى» ئېلان قىلغان «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈردى» ناملىق خەۋەردە،«بېيجىڭ دائىرىلىرى يەنىلا شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىيالمىدى. دائىرىلەر قارشىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارنى ئىسلام رادىكاللىرى دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما دائىرىلەر بۇ يەرگە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈردى، يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى» دېگەن بايانلارنى بەردى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىدە يەنە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» تىلغا ئېلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. ئىككى كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسىگە ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ لۈكچۈن ۋەقەسىدىكى پوزىتسىيىسىگە نارازىلىق باياناتى بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت