ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈم ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە ئاپتونوم رايوندىكى 22 ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ 22 ئالىي مەكتەپنىڭ 8-ئاپرېلدىن باشلاپ ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك رايوندىكى مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىلىنى ئۇزارتقانىدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە بىر قىسىم كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشى 23-مارت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن شۇنداقلا رايوندىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بىردەك ئېچىۋېتىلگەنىدى.

لېكىن خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقۇمغا ئائىت تولۇق مەلۇماتلارنى يوشۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئىشلەپچىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى دەپ، «زور تەۋەككۈلچىلىك» قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، 8-ئاپرېلدىن باشلاپ ئوقۇش باشلايدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 22 ئالىي مەكتەپ «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى»، «ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دائىرىلەر رايوندىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ يۇقۇم رايونلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئوقۇتقۇچى يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خېنەندىكى «داخې تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خېنەندىن 249 نەپەر ئوقۇتقۇچى 2 تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ قۇمۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش› نامىدا ئۇيغۇر رايونىغا 10 مىڭ كىشىلىك ئوقۇتقۇچى يۆتكەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق «شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر پىلان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇپ يوقىتىشتىن ئىبارەت «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت