ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسى: « چاغان مەزگىلىدە پاسپورت بېجىرىش ۋاقىتلىق توختايدۇ دېگەن سۆز ئىغۋا»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان خىتايدا «ج خ مىنىستىرلىقى چاغان مەزگىلىدە ساقچى سىستېمىسىنىڭ تورىنى تاقايدىكەن» دېگەن گەپ-سۆزلەر تارقالغان.

بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خىتايدىكى پاسپورت بېجىرمەكچى بولغان ئاھالىلەر جىددىيلىشىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ساقچىخانىلارنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئورۇنلىرىغا بولغان بېسىم ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئارىسىغا تارقالغان بۇ گەپ-سۆزلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چەتئەلگە چىقىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئاھالىلەرنىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن. مىڭلىغان كىشىلەر چاغاندىن بۇرۇن پاسپورت بېجىرىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچىرەت ھاسىل قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغان.

15-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «چاغان مەزگىلىدە ساقچى ئىدارىلىرى سىستېمىنى تاقاپ، پاسپورت بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىكەن دېگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي ئىغۋا. ساقچى تەرەپ ھازىر ئىغۋا پەيدا قىلغانلارنى جىددىي تەكشۈرمەكتە.»

كۆزەتكۈچىلەر، مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدا بولسۇن، پاسپورت مەسىلىسى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن سەزگۈرلۈكى ئالاھىدە يۇقىرى بىر ئىش. چۈنكى خىتايدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك پاسپورت كونتروللۇقى ئاھالىلەرنىڭ ساقچى سىستېمىسىغا بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىپ تاشلىغان، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت