يەكەنننىڭ بەزى يېزىلىرىدا ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە چەتئەل ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىدە، 28-ئىيۇل كۈنى سەھەردە، قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىخانىسى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن نەچچە ئون ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدىن كېيىن كۆپ ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قەشقەر ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.

بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز مۇخبىرى يەكەن ۋە قەشقەردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئىيۇل سەھەردە يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيانى يۈز بېرىپ، بۇ يېزىلاردىكى ساقچىخانا ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى پارتلىتىلغانلىقى،خىتاينىڭ ساقچى ئاپتوموبىللىرى كۆيدۈرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇر پىدائىيلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 120 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ئېنىقلاندى. بۈگۈنكى مەخسۇس سەھىپىلەر بويىچە بېرىلىدىغان ئاڭلىتىشىمىزدا ۋەقە ھەققىدە رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت