ئۇيغۇر دىيارىدا كېڭەيتىلىۋاتقان قاتناش مۇئەسسەسىلىرى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر قاتار قاتناش مۇئەسسەسىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك بۇنىڭدىكى مۇددىئالار ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

«شىنلاڭ تورى» نىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقورغان ناھىيەسىدىكى ئايرودروم قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇنى 2022-يىلى پۈتتۈرۈشنى پىلان قىلماقتىكەن. بۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشنىڭ يەنە بىرى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ 630 كىلومېتىرلىق بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇنغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئۈچىنچى لىنىيەسى قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، لوپنۇردىن چەرچەنگىچە بولغان 330 كىلومېتىرلىق تاشيولنى 2020-يىلى سېنتەبىردىن بۇرۇن پۈتتۈرۈشنى قارار قىلغان.

خىتاينىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدا بۇ قۇملۇق تاشيوللىرىنىڭ ئاساسلىق ئەھمىيىتى تارىم چۆللۈكىدىن قېزىۋېلىنغان نېفىتلەرنى توشۇش ئىكەنلىكى، ئاندىن قالسا قاتناش لىنىيەسىنى قىسقارتىش ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىلدىكى قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇپ كەلگەن» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت