خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ «رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانا، رېستورانلار نورمال ئېچىلىدۇ» دېگەن سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-06-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما رامىزان ھارپىسىدا ئېچىلغان خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئاقلايدىغان بۇ يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ «رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانا، رېستورانلار نورمال ئېچىلىدۇ» دېگەن سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بايانات بېرىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرغان پىدا: «رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانا، رېستورانلار نورمال ئېچىلىدۇ. ھالال رېستوران، ئاشپۇزۇللارنى ئېچىش مەسىلىسىنى ئاشخانا خوجايىنلىرى ئۆزى بېكىتىدۇ. بۇنىڭغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى ئاشخانا، رېستورانلارنى نورمال ئېچىشقا مەجبۇرلاش، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش، مەكتەپ ئىدرىلاردا مەجبۇرىي تاماق يېگۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ يۇقىرىقى سۆزى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەنقىدكە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ: «خىتاينىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانا، رېستورانلار نورمال ئېچىلىدۇ دېگەن سۆزىلا دائىرىلەر ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتىكى ئىبارىلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىلىرىنى ئېچىش‏-ئاچماسلىق ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھالال رېستوران، ئاشپۇزۇللارنى ئېچىش مەسىلىسىنى ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئۆزى بېكىتىدۇ دېگەن بۇ سۆزلىرىنى ئۆز ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت