«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى ئۇيغۇر رايونىدا ساقچى ئازلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر بەردى. خەۋەردە ساقچىلارنىڭ رايوننى تېررورلۇقتىن قوغداشتىن ئىبارەت ئېغىر بىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈرۈمچى ليۇداۋان ساقچىخانا باشلىقى چېن شياۋلياڭنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ھاياتى مەركەز قىلىنغان ھالدا يېزىلغان مەزكۇر خەۋەردە خىزمەت ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ساقچى خادىملىرى يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ليۇداۋاندا بىر قىسىم رېستوران ۋە دۇكانلاردىن ياردەمچى خادىم بېكىتكەنلىكى، ئاز دېگەندە 10 دۇكاندىن تەيىنلەنگەن بۇ ياردەمچىلەرنىڭ سىگنال چېلىنغان ھامان كالتەك-چوماقلىرىنى كۆتۈرۈپ نەق مەيدانغا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ساقچى خادىملىرى يېتىشمەسلىك ھەققىدىكى بۇ بايان بىر قىسىم رايون كۆزەتكۈچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. ھېلىھەم ئۇيغۇر رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى جوش ساممېرس تۋىتتېردا بۇ ھەقتە مۇنداق ئىنكاس يازدى: «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ئۇيغۇر رايونىدا ساقچى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى يازدى، بۇ ئىشەنگۈسىز بىر گەپ، ئەگەر مەقسەت رايوندا بىر ئادەمگە بىردىن ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا، بەلكىم دېيىلگىنى توغرا». ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، ليۇداۋاندا تەيىنلەنگەن دۇكاندارلارنىڭ نەق مەيدانغا چاقىرتىلىشىنىڭ ساقچى يېتىشمەسلىكتىن ئەمەس، بەلكى ساقچىلارنىڭ قانلىق ۋەقەلەردە ئاممىنى قالقان قىلىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت