چاقىلىق ناھىيەسى يېڭىدىن 150 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چاقىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2020-يىلى 19-ئاپرېل كۈنى چىقارغان بىر پارچە ئۇقتۇرۇشىدا بۇ يىل ناھىيە بويىچە 150 ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ھەربىيلىكتىن قايتقانلار بولسا يازما ئىمتىھان ئېلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەسلىدىلا تولۇق ساقچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولغان چاقىلىق ناھىيەسى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىملاپ مۇشۇنداق زور كۆلەمدە ساقچى قوبۇل قىلىپ كەلگەن ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلغان «خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك» دېگەن ئاتالغۇنى بەزىلەر ئەمەلىيەتتە ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىپ بولغان نازارەت ۋە كونتروللۇق مېخانىزىمىنىڭ ئېھتىياجى بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى تارقاتقان خەۋىرىدە خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول لىنىيەسىگە رېلىس ياتقۇزۇشنىڭ باشلانغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى. مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندە پويېزنىڭ سائەتلىك تېزلىكىنىڭ 120 كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بەزى ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى زور ساندا ساقچى قوبۇل قىلىشنى دەل مۇشۇ خىلدىكى كونتروللۇق ۋە نوپۇس كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت