خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدلىيە-قانۇن ساھەسىگە كۆپلەپ ئادەم قوبۇل قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«بايىنغولىن گېزىتى» تارقاتقان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 71 نەپەر يېڭى زاسېداتېلنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. بۇ زاسېتاتېللار ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زاسېداتىللار ئۆمىكىدىكىلەر ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سوتچىلارنى ئەمگەك ماجىراسى، داۋالاش ساھەلىرىدىكى ماجىرالار ۋە باشقا دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 71 يېڭى زاسېداتېلنى تەربىيەلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى قانۇن-ئەدلىيە ئورگانلىرىغا كۆپلەپ ئادەم قوبۇل قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى بولمىغان ھالدا تۇتۇپ تۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، لاگېردىكىلەرنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ سوتلاش، ئۇلارغا ئاتالمىش قانۇنىي جەريانلار بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى بۇ زاسېداتېللارنىڭ لاگېردىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا سوت ئورۇنلىرىدىكى ئادەم كۈچىنى تولۇقلاش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

يېقىندا يەنە خىتايدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان «ئىككى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى» نىڭ خىتاينىڭ جازا ھۆكۈم قانۇنى ۋە تۈرمە قانۇنلىرىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت