دائىرىلەر 2017-يىلىدا ئۇيغۇر دىيارىدا 100 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىندا خەۋەر بېرىپ، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايدىكى ساياھەتچىلەر ئادەم قېتىم سانى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن جايلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، 2017-يىلىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى قورغاس ئېغىزى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 3 مىليوندىن ئادام قېتىمدىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا 3 ھەسسە كۆپەيگەن ئىكەن. ئۆتكەن يىلى يەنە قاناس مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا يېرىم ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەنلىكى مەلۇم.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆتكەن يىلى خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 5 ئورۇننى دۆلەتلىك ئا دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى دۆلەتلىك ئا دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىلىرى جەمئىي 11 گە يەتكەن.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىياننى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى، مەزكۇر رايوننىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك خەلقئارادىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت