خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا تەكشۈرۈشتە بولغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇ جايلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا زىيارەتتە بولغان.

«شىنخۇا تورى» نىڭ 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، شىخەنزە، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى سودا پورتلىرى ۋە قاتناش تۈگۈنلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىن 2 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئاتالمىش «مائارىپ تېخنىكا تەربىيە مەكتىپى» دە تەربىيەلەۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. كېيىن خىتاي خەلقئارادا بۇ تۇتقۇنلارنىڭ «سانائەت باغچىسى» نامىدىكى زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى. 

خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەر ۋە رايونلاردىكى سانائەت باغچىلىرىغىمۇ بېرىپ، بۇ يەرلەردىكى «كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. 

خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشى چەتئەلدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ھەر بىر خىزمەت نۇقتىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا. 

24-سېنتەبىر «تەڭرىتاغ» تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلغان 6 دېلو ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ 6 ئادەم ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن 4 نەپەر كىشى بار ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادەم تۇتۇش دولقۇنىنىڭ ھېچقاچان توختاپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت