خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىدىكى «رەزىل كۈچلەر ۋە قارا گۇرۇھلار» نى تازىلاشتا «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر» نى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانات يايدۇرۇلىۋاتقان «رەزىل كۈچلەر ۋە قارا گۇرۇھلار» غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر» نى ئېلىشى ۋە «تېخىمۇ بىجانىدىل» بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ «رەزىل كۈچلەر ۋە قارا گۇرۇھلار» غا قارشى 21‏-نازارەت گۇرۇپپىسىنىڭ 3‏-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ «رەزىل كۈچلەر ۋە قارا گۇرۇھلار» غا زەربە بېرىش نامىدىكى ھەرىكىتى ئىجتىمائىي قىلمىشلارغا قارشى مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرىكەتتە يەرلىك كادىرلار، سودا ۋە دىنىي ساھەدىكى سەرخىللەر نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەزكۇر ھەرىكەت خىتاينىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بارغان 2‏-قېتىملىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى باشلانغان تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇن يەرلىك كادىرلار ۋە زىيالىيلارنى باستۇرغانىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ كېيىنكى ھەرىكىتى كەڭ كۆلەملىك تۇتقاندا ياكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە توردىن چۈشۈپ قالغان كادىر، سودا-كارخانىچى، يەرلىك جامائەت ئەرباپلىرىغا قارىتىلغانىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3‏-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، مەركەزنىڭ 21‏-نازارەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سوڭ داخەن سۆز قىلىپ، رايوننىڭ «رەزىل كۈچلەر ۋە قارا گۇرۇھلار» نى تازىلاش ھەرىكىتىدە «نېگىزلىك نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش» نى تەكتىلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىر سۈرىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر «رەزىل كۈچلەر ۋە قارا گۇرۇھلار» غا قارشى تۇرۇشتا مەخسۇس تۈرلەر، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق دېلولار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا 4 خىل ۋەزىپىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا قارىتا «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى، تېخىمۇ بىجانىدىللىق بىلەن ھەر خىل مەخسۇس خىزمەت تۈرلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشى كېرەك» ئىكەن. سوڭ داخەن بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاپ، لاگېردىكى 2 مىليوندەك تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت