PBS تېلىۋىزىيە قانىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ PBS تېلىۋىزىيە قانىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر تارقاتتى. ئۇلار خەۋىرىدە، مەزكۇر قانالنىڭ «فرونت سىزىقى» پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى جەھەتتىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان تەرەققىياتى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆجججەتلىك فىلىمىدىن مىسال بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا خىتاينىڭ سۇنئىي ئەقىل ئارقىلىق خەلقنى كونترول قىلىش سېستىمىسىنى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر رايونىدا سىناق قىلىپ، نەتىجىدە مىليونلارچە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا-تەربىيە» لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى بايان قىلىنغان ئىكەن. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون پروگراممىدا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت سېستىمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى ئانالىز قىلىپ، مەلۇم كىشىنىڭ تېررورلۇق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىپ چىقىپ، شۇ نەتىجىگە ئاساسەن كىشىلەرنى لاگېرغا ئەۋەتىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل بولسا «خىتاي ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىىسگە كود نومۇر قويۇش ئارقىلىق پۈتۈن بىر مىللەتنى جازالاۋاتىدۇ»، دېگەن. 

PBS تېلىۋىزىيە قانىلى ئۆز خەۋىرىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئائىت بىر پارچە ئىچكى ھۆججەتنىڭ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت