ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى ئاساسىي قاتلامدا «پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» نى تەشۋىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قەشقەر خەۋەرلەر تورى تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى «ئاساسىي قاتلام سەپىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتكە تەشكىللەنگەن.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ مۇتەخەسسىس، پروفېسسورلىرى، ھەرقايسى ژورناللارنىڭ باش مۇھەررىر، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى ۋە ئالىي تەرجىمانلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات ئۆمىكى ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈپ «مەن ۋە ۋەتىنىم» تېمىسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىكەن. 18-نويابىر كۈنى تۇنجى مەيدان ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنت-مەھەللىلىرىدە داۋام قىلىدىكەن. خەۋرەدە مۇنداق دىيىلگەن: 

«تەشۋىقاتقا قاتناشقان ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى. . . زاغرا تىلدا شىنجاڭنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ‹ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرىش›ئىنى ئىلگىرى سۈردى».

ئىجتىمائىي پەن ساھەسى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرغا سولاش ھەرىكىتىدە ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ساھە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن يۈزلىگەن مۇتەخەسسىس، پروفېسسورلىرى، ئەدىبلىرى، تەھرىر-مۇھەررىرلىرى ھېلىھەم ئىز-دېرەكسىز تۇرماقتا. بۇنداق بىر ئەھۋالدا لاگېر سىرتىدىكى ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھازىر ئاساسىي قاتلاملاردا تەشۋىقات خىزمىتىگە سېلىنىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت