كورلا-گولمۇد تۆمۈريولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىسمىنىڭ يېرىمىغا رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولۇنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىگە باغلاشنى مەقسەت قىلغان كورلا-گولمۇد تۆمۈريولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 700 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ يېرىمىغا رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولۇنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە مەزكۇر تۆمۈريولنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 345 كىلومېتىرلىق قىسمىغا رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھازىر تۆمۈريولنىڭ رېلىسى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تېتىما كۆلىگە يېتىپ كەلگەن. ھازىر دائىرىلەر تېتىما كۆلىگە سېلىنىۋاتقان كۆۋرۈكنى تېز پۈتتۈرۈشكە جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

«شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىرلىق تېتىما كۆلى كۆۋرۈكىنىڭ بۇ يىل 15‏-ئاۋغۇستقىچە پۈتتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تېتىما كۆۋرۈكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1213 كىلومېتىرلىق كورلا -گولمۇد تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى كورلا- گولمۇد تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن چېڭدۇ-گولمۇد تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. خىتاينىڭ پىلانى 2020‏-يىلغىچە چېڭدۇ- گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇتۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنى غۇلجىغا ئۇلاش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏- يىلى چاقىرىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىپ، كۆچمەن يۆتكەشنى تېزلەتكەن. ئەمما بۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئۇلار تۆمۈريول قۇرۇلۇشى كۆچمەنلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇشى ئۇسۇلى، مۇھىتى، يەرلىك ئىقتىسادىغا تېخىمۇ قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كورلا-گولمۇد تۆمۈريولى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يېقىندا يەنە چاقىلىق بىلەن خوتەن ئارىسىدا تۆمۈريول ياتقۇزۇش پىلانىنى تەستىقلىغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا 22 مىليارد يۈەن تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت