ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان «ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. ئۇ يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى ئۇنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ياكى ئۇنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلمىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» ياكى «چېرىكلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، ئەنۋەر ئابدۇراخماننى جازالاشنى قارار قىلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى توختىتىپ قويۇلۇپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانىدى. يىغىندا ئۇ «سىياسى ئىنتىزامغا، تەشكىلى ئىنتىزامغا، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتە قانۇنسىزلىق قىلىش، پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلىنىپ، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ، قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش قارار قىلىنغان. لېكىن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە نازارىتىنىڭ ئۇقۇتۇرۇشىدا، ئۇنىڭ بۇنداق ئېغىر جازاغا تارتىلىشىدا سادىر قىلغان كونكرېت قىلمىشى تىلغا ئېلىنمىغان.

1970‏-يىلى بۈگۈر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئەنۋەر ئابدۇراخمان خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغان. ئۇ 1992‏-يىلى خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كورلا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، قارا شەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ 2015‏-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت