ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا «مەركەزنىڭ 8 خىل بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلغان 839 كادىر بىر تەرەپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا «مەركەزنىڭ 8 خىل بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلغان، دېگەن سەۋەب بىلەن 839 نەپەر كادىر بىر تەرەپ قىلىنىپ، 661 كادىرغا ئىنتىزام ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13‏-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرى بۇ مەزگىل ئىچىدە «مەركەزنىڭ 8 خىل بەلگىلىمىسى» گە خىلاپ 774 دېلونى ئېنىقلاپ چىققان. يۇقىرىقى كىشىلەر بۇ 774 دېلوغا چېتىشلىق ئىكەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، تۈزۈمگە خىلاپ يەپ-ئىچىش، تۈزۈمگە خىلاپ سوغا-سالام ئېلىش، ھۆكۈمەت ئەشيالىرىنى تۈزۈمىگە خىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 خىل بەلگىلىمە چىقارغان. بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە نۇرغۇن يەرلىك كادىرلارنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر يۇقىرىقى 8 خىل بەلگىلىمە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە يوشۇرۇن قارشى تۇرغان ياكى ئۇنى ئاكتىپ قوللىمىغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى جازالاشنىڭ باھانىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى. مەزكۇر رايوندا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە 8 خىل بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلار ئاۋات ناھىيىلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھۆرىگۈل داۋۇت، خوتەن شەھىرى نارباغ ئىجتىمائىي رايونىنىڭ باشلىقى روزىنىسا ھوشۇر، گۇمان ناھىيىسى پىشنا يېزىلىق سەھىيە ئورنىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن ئەخمەت، قارىماي شەھەرلىك مىللىي-دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خادىمى لۇتپۇللا ھاجى قاتارلىق نۇرغۇن يەرلىك كادىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. 

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 9‏-سېنتەبىر كۈنى مەزكۇر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان يەنە 8 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان. بۇ 8 تىپىك دېلودا ئاۋات ناھىيىلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھۆرىگۈل داۋۇت، خوتەن شەھىرى نارباغ ئىجتىمائىي رايونىنىڭ باشلىقى روزىنىسا ھوشۇرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ھۆرىگۈل داۋۇت قۇربان ھېيتلىق سوغا قوبۇل قىلىش، روزىنىسا ھوشۇر قۇربان باشقىلارنىڭ بەرگەن بېزەك بۇيۇمى، قول سائىتى قاتارلىق سوۋغىلىرىنى ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت