بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇتجان بارات تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇتجان بارات يېقىندا خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 56 ياشلىق مەخمۇتجان بارات «ئىنتىزام غا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن. 

بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان مەخمۇتجان بارات 2009‏-يىلدىن بېرى بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 2012‏-يىلدىن بېرى قوشۇمچە بىڭتۇەن 5‏-دىۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن دېۋىزىيە كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى. 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرىدا، ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ قانداق كونكرېت خاتالىق سادىر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دېگەن بۇ تېرمىن كۆپ ھاللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللىمىغان ياكى ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشمىغان يەرلىك كادىرلارنى جازالاشتا قوللىنىلىپ كەلمەكتە. بۇ خىل خاتالىق سادىر قىلىپ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم يەرلىك كادىرلار پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇپ كېلىنگەن ئىدى. تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن جۈرئەت ئىبراھىم بىلەن قادىر مەمەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. 

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئورگانلىرىدىكى يەرلىك كادىرلار يۇقىرىقىدەك ناملاردا كەڭ كۆلەملىك تازىلاپ چىقىرىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت