سابىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئاخىرقى رەھبەرلىرىدىن ئەسئەت ئىسھاقوفنىڭ نەۋرىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سابىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئاخىرقى رەھبەرلىرىدىن ئەسئەت ئىسھاقوفنىڭ نەۋرىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى مارات ئىسھاقوفنىڭ ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سانلىق ئۇچۇر ئامبىرى بولغان «شاھىت. بىز» ناملىق تور ئارخىپىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2018‏-يىلى 11‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان مارات ئىسھاقوف، بۇ يىلنىڭ ياز ئايلىرىدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى قامالغان لاگېر ئەتراپىدىكى بىر زاۋۇتتا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن.

«شاھىت. بىز» تورىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا، ئۇنىڭ ئىلگىرى رۇسىيەدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازان شەھىرىدە، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقە ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئوقۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، ئەسئەت ئىسھاقوفتەك سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە، شۇنداقلا 1949‏-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يوقۇتۇلغاندىن كېيىنكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ھالقىلىق ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاتاقلىق بىر سىياسىي شەخسنىڭ نەۋرىسى بولغان مارات ئىسھاقوفنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامىلىشى ھەم مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى، دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك شىددەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر 1949‏-يىلى بېيجىڭغا سۆھبەتكە مېڭىپ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئىككىنچى نۆۋەتتە سەيپىدىن ئەزىز ماڭغاندا ئەسئەت ئىسھاقوف غۇلجىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەن. خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەندە ئۇ «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئەسئەت ئىسھاقوفنىڭ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدىكى سىياسىي ھاياتىدا ئۇنىڭ چىڭداۋ يىغىنىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇ كومپارتىيەنىڭ 1957‏-يىلى ئېچىلغان چىڭداۋ يىغىنىدا خىتاي باش مىنىستىرى جوۋ ئېنلەي بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بېرىشنى تالىشىپ، نام چىقارغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ نەۋرىسى ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېرنىڭ كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەپتىدە ياكى ئايدا 3 كۈن ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن. مارات ئىسھاقوفنىڭ ئايالى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر پەرزەنتى بارىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت