تولى ناھىيەسىنىڭ قازاق ھاكىمى مەسچىت چىقىشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تولى ناھىيەسىنىڭ قازاق ھاكىمى قەھرىمان ئاخماننىڭ مەسچىت چېقىشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تولى ناھىيەسىنىڭ مەزكۇر ھاكىمىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، قەھرىمان ئاخمان بۇنىڭدىن 18 ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى2017‏-يىلى3‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسچىتلەرنى كەڭ كۆلەمدە چېقىشقا باشلىغان. بۇ جەرياندا بۇ ھەرىكەتكە قارشى تۇرغان ياكى ئۇنىڭدا ئاكتىپ بولمىغان نۇرغۇن يەرلىك كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. 

نۆۋەتتە قەھرىمان ئاخماننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق بىر نەۋرە سىڭلىسى نۇرجەننەت ئۇلانباينىڭ قازاقىستاندىكى «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا بىلدۈرۈشىچە، 47 ياشلىق قەھرىمان ئاخمان «تولى ناھىيەسىنىڭ ھاكىملىق ۋەزىپىسىدىكى ۋاقتىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر مەسچىتنى چېقىشنى رەت قىلغان،» ئىكەن. «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئەزاسى رەئىسقان 7‏-نويابىر كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا نۇرجەننەتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئۇ ۋەزىپىدىكى ۋاقتىدا مەسچىت چېقىشنى رەت قىلغان. شۇڭا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. بۇنىڭغا 18 ئاي بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق،» دېگەن. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇنىڭدىن تېخى بىر كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 5‏-نويابىر كۈنى قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا ئېيتقان. مايك پومپېيو ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا پاراكەندىچىلىكنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت