ئەركىن سەمەتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 4 گۇماندار تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ چايخانىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئەركىن سەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ دېلوسىغا چېتىشلىق4 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈرك ئامانلىق ئورگانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق 3 نەپەر گۇماندار تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدە، يەنە بىر گۇماندار ئىستانبۇلدا قولغا ئېلىنىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. 

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە گۇماندارلارنىڭ بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىشتا مىڭ دوللار ھەق ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە ئەركىن سەمەتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبى ۋە گۇماندارلارنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقى يەنىلا بىر سىر. 

تۈركىيەدىكى «ئىنتېرنېت خەۋىرى» ناملىق بىر تور بېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ھۈسەيىن ئەخمەتئالىيېف، ئابدۇللا ئەنۋەر، ئالى ئېسبېھ ئىسىملىك 3 گۇماندار ئادانا شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ساختا كىملىك بەلگىلىرى چىققان. ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە گۇماندارلارنىڭ ئىككىسىنىڭ قىرغىزىستان پۇقراسى، بىرىنىڭ سۈرىيەلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن كېيىنكى خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسىنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكى، گۇماندارلارنىڭ يېنىدىن سۈرىيەلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ساختا كىملىك تېپىلغانلىقى، گۇماندارلار ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنىپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن نۇرمۇقامەت ئىسىملىك يەنە بىر گۇماندارنىڭ جىنايەتتە ئىشلىتىلگەن تاپانچا بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن سەمەت ئىلگىرى قىرغىزىستاندا شىركەت قۇرۇپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. بەزى تاراتقۇلار ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىن چەتئەل بانكىسىغا نۇرغۇن مىقداردا دوللار يۆتكىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى جېينبېكوف بۇ ۋەقە سەۋەبلىك 12‏-نويابىر قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە ئامانلىق ئورگانلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت