دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ئاساسىدا ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەر ھەدەپ رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ئاساسىدا ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈن تارقاتقان بىر خەۋىرىدە كۇچا ناھىيەسىدىكى بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سەھىيە ئۆلچەملىرىگە ماس ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «1-ئاپرېل كۈنى شىنجاڭ يىپەك يولى جىنتوڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى غوڭۇلدىدى. . . زاۋۇت رايونى، سېخ ۋە ئۈسكۈنىلەر پۈتۈنلەي دېزىنفېكسىيە قىلىنغان، خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەنگەن ۋە ماسكا تارقىتىلغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بىر مەنزىرە شەكىللەندى.»

خەۋەردە بىر قانچە ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار زاۋۇتنىڭ ماسكا، پەلەي تارقىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بەدەن تېمپىراتۇراسىنى ئۆلچەپ تۇرىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنى سېختا ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركۈملىگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. نۇرغۇن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى كرىزىس مەزگىلىدە خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدا قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە يۇقۇمنى كونترول قىلىش بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭ ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت