ئۇيغۇر ئېلىدە دۈشەنبە كۈنى كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلار 296 گە يەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ 3-كېنتىدىكى 17 ياشلىق بىر قىزدا بايقالغان كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلار، 1-نويابىر كۈنى 296 گە يېتىپ بارغان. ئامېرىكادىكى «كابېللىق خەۋەرلەر تورى» CNNنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندا پارتلىغان كورونا ۋىرۇس بۇ يىل ياز ئايلىرىدىن بېرى خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ يۇقۇم ۋەقەسى بولۇپ، خىتاينىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدىكى بۇ رايوندا 1-نويابىر كۈنى يەنە 13 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان. قەشقەرنىڭ زەمىن يېزىسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ ئىشچىسىدا بايقالغان يۇقۇم كۆزەتكۈچىلەردە ۋىرۇس ئەمگەك لاگېرلىرىغا تارقالدىمۇ؟دېگەن سوئال پەيدا قىلغانىدى.

CNN نىڭ «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 1-نويابىر كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى كارانتىن ئاستىدىكى كىشىلەر ئىچىدىن بايقالغانلىقى ۋە ھەممىسىدە كېسەللىك ئالامىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە رەسمىي يۇقۇمدارلار 59 غا، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلار 236 گە يېتىپ بارغان. نۆۋەتتە كېسەللىك ئالامىتى يوق بىر قىسىم يۇقۇمدارلار قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىمۇ بايقالغان.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 1-نويابىردىن باشلاپ قەشقەر شەھىرىدە 3-قېتىملىق يادرو كىسلاتاسى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، 2-نويابىر كۈنى 778 مىڭ كىشىنى تەكشۈرۈپ بولغان. دائىرىلەر تېخى ئۆتكەن ھەپتىدە 2-قېتىملىق يادرو كىسلاتاسى بىلەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغانىدى. نۆۋەتتە، ۋىرۇسنىڭ زەمىن يېزىسىنىڭ 3-كەنتىدىكى 17 ياشلىق ئىشچى قىزغا قەيەردىن يۇققانلىقى مەلۇم ئەمەس. دائىرىلەر ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يۇقۇم مەنبەسى ۋە يۇقۇمدار قىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت