ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمدارلارلىرى 45 كە يەتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يۇقۇملۇق تاجسىمان نەپەس يولى ۋىرۇسى-يەنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى يەنە كۆپەيگەن.


«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 9-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، رايوندا 8-فېۋرالغىچە يېڭىدىن يەنە 3 ئادەمنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 45 كە يەتكەن. بۇلارنىڭ 37 نەپىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، قالغان 8 نەپىرى بىڭتۇەنگە تەۋە رايونلاردا ئىكەن.

خەۋەردىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، بۇ 37 نەپەر يۇقۇمدارلارنىڭ 20 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 10 نەپىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، 1 نەپىرى تۇرپاندا، 2 نەپىرى سانجىدا، 3 نەپىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا بايقالغان.

بىڭتۇەنگە تەۋە 8 نەپەر يۇقۇمدار بىڭتۇەننىڭ 6-، 7-، 9، ۋە 20-دېۋىزىيەسىگە جايلاشقان ئىكەن. 

خەۋەرگە قارىغان، بۇ 45 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىرى 10 نەپەرگە، خەتەرلىك باسقۇچقا كىرگەنلىرى 3 نەپەرگە يەتكەن. ھازىرچە ئۆلۈم يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۈتكۈل رايون بويىچە 3مىڭ 49 ئادەم كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم دائىرىلىرى جۈمە كۈنى مەكزۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان سانىنىڭ 39 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت